ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
باكتېرىيەلەر ئارا كۈرەش
ۋاقتى : 2017-08-04 12:50:52  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 دۇنيادىكى كۆپ قىسىم باكتېرىيەلەر ھەر ۋاقىت ئېچىرقاش ھالىتىدە تۇرغاچقا، چەكلىك ياشاش مەنبەسى ئۈچۈن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دائىم كەسكىن كۈرەشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارمۇ رىقابەتچىسىنىڭ يېمەكلىكلەرنى تارتىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاددىي ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغىنى ‹‹باكتېرىيەلەر دېڭىزى›› تاكتىكىسىدۇر. بەزى باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ، كۆپىيىش سۈرئىتى ئاستا بولغان باكتېرىيەلەردىن غالىب كېلىدۇ.

   باكتېرىيەلەرنىڭ يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىشتىكى يەنە بىر تەدبىرى، مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. تۆمۈر باكتېرىيەلەرنىڭ بىر خىل مۇھىم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرىلەر تېنىدىكى كۆپلىگەن فېرمېنتلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ. ئادەتتە، كۆپلىگەن باكتېرىيەلەر تۆمۈر توشۇغۇچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بىرىكمە ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئۇنى تۆمۈر ئىيونى (بىر خىل بىيولوگىيەلىك ئۈنۈمگە ئىگە تۆمۈر) تۈۋرۈككە ھىم چۈشەپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر توشۇغۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ بەزى مېنېرال ماددا ۋە باشقا خىلىتلار تەركىبىدىكى تۆمۈر ئىيونىنى تارتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئادەم تېنىدىكى باكتېرىيە تۆمۈر ئىيونىمۇ تۆمۈردىن كېڭەيگەن ئاقسىل، گىمۇگلىبىنلار بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ. بىراق پاتوگىن تۆمۈر توشۇش ئارقىلىق بۇنداق تۆمۈر ئىيونىنى توسالغۇسىز قولغا چۈشۈرىدۇ. تۆمۈر توشۇغۇچى بۇنداق كېسەللىك باكتېرىيەسى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ‹‹قاتىل›› بولۇشىمۇ مۇمكىن.
   باكتېرىيەلەر يەنە بىۋاسىتە ‹‹خىمىيەلىك ھۇجۇم›› قوزغايدۇ. باكتېرىيەلەر ئىشلىتىدىغان ‹‹خىمىيەلىك قوراللار›› ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ئانتىبىئوتىكلار. ئانتىبىئوتىكلار ئىنسانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ كىشىلەرگە تونۇشلۇق، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم باكتېرىيەلەر خۇددى ھىدروگېن سيانىتقا ئوخشاش زەھەرلىك گاز چىقىرىدۇ. خىمىيەلىك ئۇرۇشقا دۇچ كەلگەن باكتېرىيەلەرمۇ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، ئۇلارمۇ ئەڭ ياخشى ئاماللار بىلەن خىمىيەلىك قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدۇ. يەنى كۆپلىگەن باكتېرىيەلەر ھەرخىل ئاماللار ئارقىلىق ئۇشتۇمتۇت يولۇققان ئانتىبىئوتىكلارنىڭ گېنىنى ئوخشاش تۈردىكى باكتېرىيەلەر ياكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىمۇ يەنىلا خاتىرجەم ياشاۋېرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇپراقتىن پەيدا بولىدىغان 480 خىل ئىسپورىلىق مىكرو جانلىقلارنىڭ ھەر بىر تۈرىدە ئاز دېگەندە يەتتە خىلغا قارشى تۇرالايدىغان ئانتىبىئوتىك دورا بار ئىكەن.
   ئەگەر باكتېرىيەلەر زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ يېمەكلىككە ئېرىشەلمىسە، خەتەرنى ئۈچەككە كىرىش ئارقىلىق ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن بولغىنى ئىسپورىلىق باكتېرىيەلەردۇر. بۇنداق باكتېرىيەلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋە ياكى يېمەكلىك كەمچىل بولغاندا، تېنىدىن ئىسپورا چىقىرىدۇ. ئىسپورانىڭ قۇرغاقچىلىق، ئىسسىق، رادىئاتسىيەگە چىداملىق ئىقتىدارى كۈچلۈك. يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىسپورا يەنە زەمبۇرۇغ چىقىرىدۇ. ئىسپورانىڭ ئۈچەككە كىرىش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر نەچچە يۈز يىلدىن كېيىنمۇ يەنە بىخلىنالايدىكەن.