ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى بەڭگىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى جۇڭگودا
ۋاقتى : 2014-01-18 10:46:33  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : 亚普禁毒网

جاھاندىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرسى جۇڭگودا


 



 

untitled.png

5 كۈن ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (110.97 KB)


 

   1980- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، جۇڭگودا تاماكا چېكىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەپ، ئەسلىدىكى %30.4 تىن %24.2 كە چۈشكەن بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگودىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى 100 مىليونغا يېقىن كۆپەيدى. ئەمما جۇڭگودىكى تاماكا چېكىش نىسبىتى تۇراقلىشىش دەۋرىگە كىرىپ، 2006- يىلىدىن بۇيان ئۆزگىرىپ باقمىدى.

untitled1.png

5 كۈن ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (189.47 KB)
                        

  تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، جۇڭگودىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2012- يىلى جۇڭگودىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى 281 مىليونغا يېتىپ، دۇنيادىكى تاماكا چېكىدىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. سېئاتىل ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ۋە باھالاش تەتقىقات ئورنى قانات يايدۇرغان بۇ تەتقىقاتقا «187 دۆلەتتىكى تاماكا چېكىشنى سبىتى ۋە تاماكا ئىستېمالى، 1980- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە» دەپ نام بېرىلگەن. (يېقىنقى يىللاردن بۇيان) جۇڭگو، بېنگال ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى زور كۆلەمدە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما تاماكا چېكىش نىسبىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ ئەھۋال ئارقىلىق 2006- يىلىدىن بۇيان يەر شارىدىكى كۈندىلىك تاماكا چېكىش ھادىسىسىنىڭ ئازىيىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى ئىزاھلاشقا بولىدۇ.

untitled2.png

5 كۈن ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (289.92 KB)
                                                                 


   ئۇنىڭدىن باشقا، گەرچە جۇڭگودىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى ھېلىھەم تەدرىجىي ئېشىش ھالىتىدە بولسىمۇ، ئەمما تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ جىنسى تەڭپۇڭسىزلىشىش ھادىسىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولماقتا. 2012- يىلى، جۇڭگودىكى ئايال تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى بۇ دۆلەتتىكى تاماكا چېكىدىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئاران %4 تىنى ئىگىلىگەن، 1980- يىلى بۇ نىسبەت   تەخمىنەن %8 ئەتراپىدا ئىدى. (ئاپتورى Amy Qin، دىڭ يۈچىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان).                                             
   ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى «ئەرەب خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ 9- يانۋاردىكى خەۋىرى، ئەسلى تېمىسى «جۇگگودا تاماكا چەكلەش يولىدىكى توسالغۇلار كۆپ». جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى بارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۈنۈملۈك تاماكا چەكلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاماكا ئىستېمال دۆلىتى بولغان جۇڭگودا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى 300 مىليونغا يېتىدۇ. تاماكا چېكىش جۇڭگولۇقلار (ئەرلەر كۆپ ساندا) نىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ھېچكىم ھەيران قالمايدىغان ھادىسىگە ئايلاندى.

    untitled4.png

5 كۈن ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (76.04 KB)

            


   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاماكا چەكلەشكە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان مەخسۇس تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى توسالغۇغا ئۇچرىدى. مۇتەخەسسىسنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە دۆلەت ئىچىدىكى تاماكا كەسپىنىڭ زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقىدا. ئىلگىرى، جۇڭگودىكى تاماكا كارخانىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھۆكۈمەتنىڭ تاماكا باھاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تاماكا قېپىغا ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى بولغان بەلگە بېسىش قاتارلىق تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرغانىدى. ھازىر، ئۇلار تاماكا چەكلەشكە ئائىت يېڭى تەدبىرلەرگە داۋاملىق تاقابىل تۇرالامدۇ يوق؟               

untitled5.png

5 كۈن ئالدىدا چىقىرىشچۈشۈرۈش (215.45 KB)
                           


   كەسكىن ئىجرا قىلىشنىڭ كەمچىل بولۇشى تاماكا چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئامىلى. ھازىر جۇڭگودا تېخى مەملىكەت خاراكتېرلىك تاماكا تىزگىنلەش قانۇنى يوق. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان«ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» دا گەرچە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا ئائىت بەلگىلىمە بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. 2008- يىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۈتۈپخانا قاتارلىق نۇرغۇن ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە ئائىت مەخسۇس تەدبىرنى چىقارغانىدى، گەرچە تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە ئائىت شوئارلار ئېسىلغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىدى. قارىغاندا، جۇڭگونىڭ تاماكا چېكىشنى چەكلەش ئىشلىرىدا ماڭىدىغان يول خېلى يىراق ئوخشايدۇ.