ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  جاھاندىكى زەھەر
جاھاندىكى زەھەر
ئافغانىستاندا زەھەر سودىسى ئەۋىج ئالدى
ۋاقتى : 2015-04-10 10:43:12  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ تور پونكىتىدا 1- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافغانىستاندا ئەپيۇن سودىسى ئەۋج ئېلىپ، 2014- يىلى تارىختىكى يېڭى رېكورتنى ياراتقان.

ھالبۇكى، زەھەر چەكلەش كۈرىشىدىكى يەڭگۈچى ئافغانىستانلىقلار ئەمەس، بەلكى ئاساسىي قارا سۇ شىركىتى بولغان بىر شىركەت ئىكەن.

3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، 2011- يىلى نامىنى ئاكادېمى دەپ ئۆزگەرتكەن بۇ خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تازىلاش ئۈچۈن سەرپ قىلغان غايەت زور سوممىلىق زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىدىن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغان، بۇ پۇل بەش بۇرجەكلىك بىنا 2002- يىلى بۇ ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان سەرپ قىلغان بىر مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سەرپىياتنىڭ %32 تىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئاكادېمى شىركىتى ھازىرغا قەدەر ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىدىن ئەڭ كۆپ نەپ ئالغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى نوزروپ گروممان شىركىتىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغان.

ئافغانىستاننى «قايتا قۇرۇش» قا مەسئۇل بولغان ئامېرىكىلىق تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكادېمى شىركىتى ئامېرىكىلىق باج تاپشۇرغۇچىلاردىن 569 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدىغا ئېرىشكەن، بۇ پۇللارنى ئامېرىكىلىق باج تاپشۇرغۇچىلار زەھەر چەكلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمغا بەرگەنىكەن. بۇ پۇللار ئەسلىدە بۇ قىسىملارنىڭ «مەشىقلىنىش، قورال- جابدۇق ۋە ئارقا سەپ تەمىناتىنى قوللاش» قا ئىشلىتىلىدىكەن.

ئەمما ھۆكۈمەت يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قاتار تەكشۈرۈشتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ زەھەر چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلۇقى، ئەپيۇن سودىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن تازىلاش مەقسىتىگە يېتىلمىگەنلىكى دەلىللەندى. ئامېرىكا 13 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئافغانىستانغا نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مەبلەغ ھەتتا ئەپيۇن سودىسىنىڭ گۈللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئويناپ قالدى.

2014- يىلى 12- ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، 2011- يىلىدىن بۇيان ئافغانىستاندىكى كۆكنار تېرىلغۇ كۆلىمى %60 كۆپىيىپ، 209 مىڭ گېكتارغا يەتكەن. ئافغانىستاندىكى قىممىتى ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان خىروئىن ۋە مورفىن بۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %15 تىنى ئىگىلەيدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، كۆكنار تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئويلاشقاندا، تالىبانلارنىڭ قانۇنسىز زەھەر سودىسى ئارقىلىق قىلىدىغان كىرىمنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ مۈلكىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

دەل شۇ ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل تەپتىش ئەمەلدارى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ئوتىنىڭ ئۆچۈشى بىلەن خەلقئارالىق ياردەمنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئەپيۇن سودىسى مۇقەررەر زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ قايتا قۇرۇش تۈرلىرى، بولۇپمۇ «سۇغىرىش، يول ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار» تۈرلەر ئەپيۇن تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ تېز كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىلىق تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بايقىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدا، تەننەرخى ئانچە يۇقىرى بولمىغان چوڭقۇر قۇدۇقتىن سۇ تارتىش تېخنىكىسى ئافغانىستاننىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى 200 مىڭ گېكتار قۇملۇق تېرىلغۇ يەرگە ئايلانغان. ئەمما «يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەپيۇن تېرىشقا ئىشلىتىلمەكتە.» دەپ يەكۈن چىقاردى.

ئاكادېمى شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى بولغان قاراسۇ شىركىتىنىڭ ئافغانىستاندا ناچار تارىخى بار. كېڭەش پالاتاسىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، بۇ شىركەت بىر مەھەل بىر قورچاق شىركەت قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى يۇشۇرماقچى بولغان، بۇنداق شىركەتلەر ياللىغان خادىملارنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندا پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى شىركەتنىڭ توختامىغا دەخلى قىلالمايدۇ.

قاراسۇ شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنسې 2010- يىلى شىركەتنى سېتىۋەتكەن، كېيىن بۇ شىركەتنىڭ نامى «Xe» غا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ شىركەتنىڭ ئىگىسى ئالماشقاندىن كېيىن، شىركەت بەزىدە ئەڭ دەسلەپكى كەسپى (ھەربىيلەر ۋە ساقچىلارنى تەربىيەلەش) نى تەكىتلەش پوزىتسىيەسىدە بولغان، ئەمما ئامانلىق ساقلاش توختامى كەسپىدىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمىگەن.

2010- يىلى، قاراسۇ شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تاللاپ چىققان جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىك ئەمەلدارلىرىنى قوغداش (10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق توختام) ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. بۇ دەل قاراسۇ شىركىتى 2007- يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كەلگەن ۋەزىپىدۇر، ئەينى چاغدا بۇ شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىسى باغداد شەھىرىنىڭ نىسۇر مەيدانىدا ئىراق ئاممىسىغا ئوق چىقارغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شىركەت خۇسۇسىي ئامانلىق ساقلاش شىركەتلىرىنىڭ يىرگىنىچلىك قىياپىتىنى ئاشكارىلىغان. كېيىنكى يىلى، بۇ شىركەتنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى قەسەم بېرىپ: «بىزنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمەت ساھەسىدىن چىكىنىش ئويىمىز يوق.» دېگەن.