ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  قانۇن تۈزۈم
قانۇن تۈزۈم
ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چەكلەش بەلگىلىمىسى چىقىدۇ
ۋاقتى : 2015-02-02 10:06:01  مەنبەسى : جۇڭگو رادىيۇ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش يېڭى قائىدىسى چىقىرىلماقچى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تەييارلىق لايىھەسى «ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى (تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلدى)» نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئاشكارا ھالدا پىكىر بېرىشنى ئۆتۈندى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشتا مەمۇرىي نىزام تۈزمەكچى بولغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىغا ئاساسەن، بارلىق زال ئىچى ئاممىۋى سورۇندا بىردەك تاماكا چېكىش چەكلىنىدۇ. زال ئىچى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا ناھايىتى ئېنىق، زال ئىچى ئۈستى قىسىمى يېپىق ھەمدە ئىككى تەرەپتىن ئارتۇق يان تامغا ئىگە بولغان بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ، پەلەمپەي، كارىدور، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يول، كارىدورلۇق ھۇجرا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇندىن سىرت، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاساسلىق پائالىيەت توپى بولغان ئاممىۋى سورۇننىڭ زال سىرتى رايونى قاتارلىقلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك تاماكا چېكىش چەكلىنىدۇ دەپ بەلگىلىگەن. تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا ئوخشاشلا يەنە، خۇسۇسىيلار تاماكا چېكىش چەكلەنگەن سورۇن( رايون) دا تاماكا چەكسە 50 يۈەندىن ئارتۇق 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. تەكشۈرۈلۈشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى 300 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، تەخمىنەن 740 مىليون تاماكا چەكمىگۈچىلەر ئىسلىنىش زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن. ھەر يىلى دۆلىتىمىزدە 1 مىليون 366 مىڭ كىشى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ سان ئەيدىز، ئۆپكە تۇبېركۇليوز، بەزگەك ۋە يارىلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

2003-يىلى، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن « تاماكا كونترول قىلىش رامكىسى ئەھدىنامىسى» ئىمزالىدى، 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلىتىمىزدە كۈچكە ئىگە بولدى. 2012-يىلىغا قەدەر، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش قانۇنى ياكى تاماكا كونترول قىلىش ئۇنىۋېرسال قانۇنى تۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە 44 دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىسسىز قانۇننى يولغا قويدى. ئەمما دۆلىتىمىزدە يەنىلا ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا كونترول قىلىش تەرەپتە مەخسۇس قانۇن، مەمۇرىي نىزام يوق.

تاماكا ئىسىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە يوقىتىش، جامائەتنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتى پىلانى بويىچە، 2013-يىلى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى «ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى» تەييارلىق لايىھە تۈزۈش خىزمىتىنى قوزغاتتى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزام ھاسىل قىلدى.

ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرى، پارتكوم مەركەز ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى «ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا رەھبىرى كادىرلار باشلامچى بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەكتەپ، دوختۇرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى، ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنى، ئاممىۋىي قاتناش قورالى قاتارلىق تاماكا چېكىش چەكلەنگەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك، باشقا تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىسى بولغان ئاممىۋى سورۇندا رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ تاماكا چەكمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىملىق دۆلەتنىڭ قاتلام بويىچە قانۇن تۇرغۇزۇشىدا تاماكا چېكىش چەكلەنگەن سورۇن، مەسئۇل كوللېكتىپ ، قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئېنىق بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماكىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، جامائەت ساغلاملىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامىنى تەپسىلىي چۈشىنىش

قايسى سورۇندا تاماكا چېكىش قانۇنغا خىلاپ؟

ماشىنا كۈتۈش زالىدا بىكارچىلىقتىن زېرىكىشلىك تاماكا چېكىشمۇ قانۇنغا خىلاپمۇ؟ ئىدارە- ئورگاندا ھېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن تاماكا چېكىشنى باشقۇرالامدۇ؟ دوستلار رېستوران يىغىلىشدا تاماكا چەكسىمۇ بولمامدۇ؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چەكلەشكە قارىتا چۈشەنمەيدۇ ھەتتا چۈشەنچىسىدە زىتلىق مەۋجۇت.

بارلىق زال ئىچى ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىش بىردەك چەكلىنىدۇ-- تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان.

تۆۋەندىكى ئاممىۋى سورۇن ھەتتا زال سىرتىدىمۇ تاماكا چېكىش چەكلىنىدۇ:

يەسلى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، مەكتەپ، پائالىيەت مەركىزى، مائارىپ تەربىيە مەركىزى قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاساسلىق پائالىيەت توپى بولغان ئاممىۋى سورۇننىڭ زال سىرتى رايونى؛ ئالىي مەكتەپنىڭ زال سىرتى ئوقۇتۇش رايونى؛ ئانا-بالىلار ساقلىق ساقلاش ئورنى، بالىلار دوختۇرخانىسى، ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ زال سىرتى؛ تەنتەربىيە، چېنىقىش سارىيىنىڭ زال سىرتىدىكى تاماشىبىنلار ئورنى، مۇسابىقە مەيدانى رايونى؛ ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنىڭ زال سىرتى قاتارلىق رايونلار؛ قانۇن، قائىدىدە بەلگىلەنگەن باشقا تاماكا چېكىش چەكلەنگەن زال سىرتى سورۇنى.

مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى، مەدەنىيەت قوغداش ئورنى، باغچا، سۇ ئۈزۈش باغچىسى قاتارلىقلارنىڭ زال سىرتى رايونىدا تاماكا چېكىش نۇقتىسى تەسىس قىلسا بولىدۇ، تاماكا چېكىش نۇقتىسى يوق بولسا ئومۇميۈزلۈك تاماكا چېكىشنى چەكلىگەن سورۇنغا تەۋە بولىدۇ.

جۇڭگو تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى شۈ گۇيخۇا« ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چېكىشتىن قېلىپ قالغان تاماكا ئىسى ئۇزۇن ۋاقىت شۇ مۇھىتتا تۇرۇپ ھەربىر شۇ ئاممىۋىي سورۇنغا كىرگەن كىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چېكىش كونترول قىلىنغاندا، جامائەتنىڭ سالامەتلىكىگە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.» دېدى.

قايسى كىشىلەر باش بولۇپ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشى كېرەك؟

سىياسەتنىڭ تۈزگۈچىسى ۋە ئىجرا قىلغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەت مەمۇرىي ئىشلار ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار باش بولۇپ ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك، ئەكسچە، بىر قىسىم ئورگانلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش مەلۇم كىشىلەردە «رولىنى يوقىتىپ» ئىشخانا ئىچى « قويۇق تاماكا ئىسىغا تولغان».

ئالدىنقى يىلى يىل ئاخىرى، پارتكوم مەركەز ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى «ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى بېسىپ تارقاتتى، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا رەھبەرلەرنىڭ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشقا باش بولۇشى يەنە قائىدىگە يېزىلدى.

تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى، دوختۇرلارنىڭ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشقا باش بولۇش، دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرى ھۆكۈمەت خىزمىتى پائالىيىتىدە تاماكا چەكمەسلىك، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك، دوختۇرلار بىمار ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك بەلگىلەندى.

تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا يەنە دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا ئورۇنلار، جەمئىيەت كوللېكتىپى ۋە باشقا جەمئىيەت تەشكىلاتىنىڭ «بىرىنچى قول رەھبىرى» شۇ ئورۇننىڭ تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىدە بىرىنچى مەسئۇل خادىم بولۇش، شۇ ئورگاندا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش ئېنىق بېكىتىلدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ «تاماكا چېكىشنى چەكلەپ رەھبەرنى چەكلىمەسلىك» ھادىسىسىنى توسۇيدۇ دەپ قارىدى.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولسا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىدىكى بىر ئالاھىدە توپ، ھەم تاماكا شىركىتى سېتىشنى چەكلىگەن يوشۇرۇن تاماكا چەككۈچى توپ. شۇ سەۋەبتىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش ئاممىۋىي سورۇندا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىشتىن ئومۇمىي تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىدە ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ.

«قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» دا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا، ھاراق ساتماسلىق ئېنىق بەلگىلەنگەن، «تاماكا مەخسۇس سېتىش قانۇنى» دىمۇ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بار، ئەمما مۇناسىۋەتلىك كونكرېت تەلەپ ۋە جازالاش تەدبىرى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن.

تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن نىزامنامىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا سېتىش قىلمىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى قاتارلىق بىۋاسىتە تاماكا مەھسۇلاتىنى تاللايدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا سېتىشنى چەكلەش؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا ساتماسلىققا قارىتا قۇرامىغا يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىش تەس بولغانلارغا قارىتا ساتقۇچى كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

بۇندىن سىرت، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىشىنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك، ئوقۇغۇچىلارغا تاماكىنىڭ زىيىنىنى تەشۋىق قىلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋە دەل ۋاقتىدا تاماكا چەككەن ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا تاشلاشنى نەسىھەت قىلىش ۋە تەربىيە بېرىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاماكا ياكى ساغلاملىق ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شىياۋدەن «ئۇچۇر ئالاقە تورىنىڭ قۇلايلىقلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئۇچۇر ئالاقە تورى، كۆچمە ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە تورىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا سېتىشنى چەكلەشنىڭ ياشلارنى قوغداشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ» دېدى.