ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  قانۇن تۈزۈم
قانۇن تۈزۈم
دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق قانۇن-نىزاملار قايسىلار؟
ۋاقتى : 2015-04-27 11:48:45  مەنبەسى : ساقلىق ساقلاش ژورنىلى  يوللىغۇچى : يارپ
دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق قانۇن نىزاملىرى قايسىلار؟


1.        «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنى» 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان،2004-يىلى8-ئاينىڭ 28-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.
2.        «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى»2006-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 122-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىداماقۇللانغان،2006-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان.

 


 

دۆلىتىمىز نېمە ئۈچۈن ئەيدىزنى نۇقتىلىق ئالدىنى ئالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك دەپ قارايدۇ؟


باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئىلگىرى:«ئەيدىزنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساپاسى ۋە دۆلەتنىڭ روناق، ھالاك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي تېزگىنلەش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. دۆلىقتىمىزدە بۇ كېسەللىك ھازىر خەۋپى يۇقۇرى كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا كېڭەيمەكتە، شۇڭا ياخشى تېزگىنلەنمىسە، كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كېتىدۇ. بۇ، ھەر بىر جۇڭگولۇق ياكى پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا غايەت زور زەربە بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ، ئون نەچچە يىللىق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەنە شۇ كىچىككىنە ۋىرۇس تەرپىدىن نابۇت بولىدۇ. شۇڭا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى،نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر قاتارىدا باشقۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالىشى كېرەك.
مەنبە:ساقلىق ساقلاش ژۇرنىلى2014-يىل1-سان